پەيزىۋاتتىن 243 نەپەر ئۇيغۇر قىزى تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ كېتىلدى

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي شەھەرلىرىگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەش يەنە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 9 - ئاپرېل پەيزىۋات ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم قىز تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.17
 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بۇ خىل خىزمەت قەشقەر،خوتەن ۋە ئاقسۇلاردا كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 243نەپەر ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇلارنىڭ قايسى زاۋۇتتا نېمە ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى تەپسىلىي بېرىلمىگەن.

2006 - يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا سېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.