خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقلىرى بۇيىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوشۇۋېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋە خىتاي مەكتەپلىرى 2000 - يىلىدىكى 461 دىن ھازىرقى 718 گە يەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ناھىيىلىرىنىڭ بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر، قازاق، شىبە، موڭغۇل، قىرغىز ۋە رۇس قاتارلىق 7 خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى مائارىپ بايلىقىنى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىش دەپ قاراپ، مەكتەپلەرنى ئۆز - ئارا بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغان ئىكەن.
بىراق، خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر مەكتەپكە يىغىش، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئەمەس، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش، نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆزىگە خاس مەدىنىيىتى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دېموكراتىك يول بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە دۇچ كەلمەكتە.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا، يەرلىك مىللەتلەر رايوندا ئانا تىل مائارىپى بۇيىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۈر قانۇن بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئومۇملاشماقتا. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى،" بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ، شەكلى ئۇيغۇر، ئەمەلىيىتى خىتاي قىلىپ ئۆزگەرتىش سىياسىتى،" دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)