ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سىبىرىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قويۇقلاشماقتا
2007.10.28
ئۇيغۇر ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە رايونلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونلىرىغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك پلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ۋاسىتە ھەم بازىغا ئايلاندۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 25-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سىبىرىيە تارمىقىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ھەمدە 200 نەچچە پەن-تېخنىكا ئورنىنى جەلپ قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سىبىرىيە شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نېفىت-خىمىيە، كۆمۈرچىلىك ، بىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مەنسۇپ 40 نەچچە تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.
تېخى يېقىندىلا رۇسىيىنىڭ ئالتاي ئۆلكىسى، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، موڭغۇلىيە ، خىتاي قاتارلىق ئالتاي تاغلىرى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى، بۇ ھەمكارلىقتا خىتاي ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.
مەلۇمكى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سىبىرىيە شۆبىسى رۇسىيىنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، بۇ ئورگان تەبىئىي پەنلەردىن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتلىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەتتا، سىبىرىيە شۆبىسىنىڭ تارىخ-ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىغا مەنسۇپ ئالىملار ، 70- 80-يىللاردا ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى ، بولۇپمۇ، 7-9-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە جۈملىدىن تۇۋا، ئالتاي ، ۋە خاكاسىيە قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھەم ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلىرى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات يۈرگۈزۈپ ، بىر قانچە كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
9- 13- ئەسىردىكى ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرى ھەققىدە كىتاب يازغان ئا. مالىئاۋكىن ئەنە شۇ سىبىرىيە شۆبىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇغا مۇقىملىق ساقلاش نازارەت قىلىش ئۆمىكى ئەۋەتتى
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجراتتى
- ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- ماناس ناھىيىسىدە ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە
- ئالتايدا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا
- ئالتايغا مەخسۇس بايلىق ئېچىش تۆمۈر يولى قۇرۇلماقچى
- ئالتايدىكى كۆكسۇ نەملىك يەر مۇھىتى بۇلغانلاقتىن 600 چارۋىچى ئاھالىسى كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى