ئۇيغۇر ئېلى سىچۈئەنلىكلەرگە 83 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ياردەم قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.18
2008.05.18
ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تۇتاش چاقىرىقى ۋە بەلگىلىمىسىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن يېزا - قىشلاقلىرىغىچە ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. شىنخۇئانىڭ 17 - ماي كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن ياردەمگە توپلانغان پۇلنىڭ سانى 83مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىگە قىزىل كرېست جەمىيىتى يىغقان ياردەملەر كىرگۈزۈلمىگەن. ئەگەر ئۇنى ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي ساننىڭ تېخىمۇ كوپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نەق پۇلدىن باشقا يەنە بىر مىليون 570 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددى بۇيۇملارمۇ توپلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ياردەم نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان تور بەتلەردىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى دېھقانلار 20 مىڭ دانە نان تەييارلاپ، سىچۈئەنگە ئەۋەتكەن.
ھەتتا 2003 - يىلى، 24 - مارتتا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، 270 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ھەم ئۆي ماكانسىز قالغان مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى، يىللىق كىرىمى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ھەتتا سىچۈئەنگە سېلىشتۇرغاندىمۇ كۆپ تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان دېھقانلار كەنت پارتكوم سېكرىتارى، يەر تەۋرەشتە ئائىلىسىدىكى بەش ئادەمدىن ئايرىلغان ھەمدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېنجياباۋنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن داۋۇت ھاشىمنىڭ باشلامچىلىقىدا پۇل توپلاشقا كىرىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈەن يىغىلغان.
تېخى ئاپەتنىڭ زەربىسىدىن تولۇق قۇتۇلالمىغان ھەم ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالمىغان، خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ئادەملەر ھېسابلىنىدىغان چوڭقۇرچاقلىقلار سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى سۇنغان. ئەمما، بۇ خىل ئىئانە توپلاشنىڭ ناھىيە - يېزا ئاكتىپ كادىرلىرى تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە مەجبۇرىي تۈس ئالدۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا.