داگۇڭباۋ " شىنجاڭ قۇرۇلۇشى" پروگراممىسىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىنى يازدى


2007.06.22

خوڭكوڭدىكى "داگۇڭباۋ" گېزىتى، ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، دېگەن پروگراممىغا ئاساسەن يېزىلغان " خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چىگرىسى - شىنجاڭ" دېگەن ئەسەر، ئىلمىي ساھەدىكى بىر تەتقىقات ئەسىرى بولۇشتىن، ئەمدى ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەرباپلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قوللانما سۈپىتىدە ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 5 - ئىيۇن كۈنى پراگادا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەرباپلارغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە، شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىدىكى تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ، لېكىن خىتايلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇش ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ئەرباپلارغا شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. " داگۇڭباۋ" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چىگرىسى - شىنجاڭ،" دېگەن بۇ ئەسەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخى 1884 - يىلى ئۆلكە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىككى دەۋرگە ئايرىلغانلىقى، ئۆلكە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى بولۇپ باقمىغانلىقى، 1884 - يىلدىن كېيىنكى دەۋر بولسا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرى، دەپ قارالغانلىقى يېزىلغان.

"داگۇڭباۋ" گېزىتى يەنە،" شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىدە جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدا زور قانۇنىي مەسىلە مەۋجۈت، دەيدىغان پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن . بۇ مەسىلە ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ۋاقتى كەلگەندە جۇڭگونى پارچىلاش ۋە شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە نەزەرىيىۋىي ئاساس يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.