خىتاي ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىغا بولغان سۈپەت كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە


2006.03.26

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرىغا ھەتتا خىتاي سودىگەرلىرىمۇ مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە چەتئەللەرگە سېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

خىتاي تىببىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىغا شۇنىڭدەك ئىشلەپ چىقىرىش خادىملىرىغا بولغان سۈپەت كونتروللۇقىنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تىبەت دورىلىرى ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتىگە قارىتا دورىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش سۈپەت ئۆلچىمى يۈرگۈزگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دورا زاۋۇتىدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش خادىملىرىغا قارىتا تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىنىڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى تىبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىك ئىكۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرىدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا تىبابەت ئەنئەنىلىرى بىلەن زور ئورتاقلىققا ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەقلىرىگە ئوخشاشلا ئىبىن سىنانىڭ تىببىي نەزەرىيىلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تىبابىتىنى جۇڭگو تىبابىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خىتاي ئەنئەنىۋى تىبابىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر تىبابەت خادىمىنىڭ خادىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي تىببىي مۇتەخخەسىسلىرى خەلق ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىبابەت رېتسېپلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا مەلۇم دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقىلارنى توپلاپ، ئۇنى خەنزۇ تىبابىتى كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن ھەمدە بىر قىسىم رېتسىپلەر ۋە دورىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 40 نەچچە ئۇيغۇر تىبابەت ئورنى بار ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.