خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شىمىن، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ بۆلۈنىش يولىدا داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ شىمىن " بۇ يەردە تىبەت مۇستەقىللىقىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى چېكىدىن ئاشقان گۇرۇپپىلارنىڭ داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ۋۇ شىمىن، ئاز ساندىكى چېكىدىن ئاشقان ئاتالمىش بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمتەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئوساما بىن لادېنغا باغلىغان بولسىمۇ بىراق، ئۇلار بۇ كۆز- قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى، دەپ يازدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتلار شۇنداقلا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىنى شەخسىي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قارايدىكەن. ئامما ۋۇ شىمىن، " بۆلگۈنچىلەر ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خىتاي خەلقىغە قارشى ئۇنسۇرلار، دەپ ئاتىغان. ۋۇ شىمىن، بۇ سۆزلەرنى دۇشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن. بىراق مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋۇشىمىننىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. ئۇ، "ئۇيغۇر ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)