ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ھەر خىل ھەقسىزلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە

5‏ - ئاينىڭ 22 ‏ - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئەرىزدار تېنچ يوسۇندا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان تەڭسىزلىكلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27

 ئىستانسىمىزغا بۇ ھەقتە گۇاڭدۇڭدىن بىۋاستە ئۇچۇر بەرگەن بىر ئۇيغۇر، ۋەقەنىڭ خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە خىتاي تىجارەتچىلەرگە، 200 مىڭ يۈەنلىك "توشقان زەدىكى" سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 50 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ كېرىيىدىن گۇاڭجۇغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق ئۇلارنىڭ ۋەقە ئۈستىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىلتىماسىنىڭ ھازىرچە نەتىجىسىز خۇلاسىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىچكىرىلەپ ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، گۇاڭدۇڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، كېرىيىدىن كەلگەن ئاساسلىقى ياشانغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئەرىزدارلارنىڭ داۋاسىنى 6 ‏ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغان.

خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي تىجارەتچىلەرگە مال ساتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەر خىل ھەقسىزلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 3 ‏ - ئاينىڭ باشلىرى خوتەنلىك قاش تېشى تىجارەتچىسى مۇتەللىپ ھاجىم، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن گۇناھسىز ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.