قازاقىستاندىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى
2005.10.16
قازاقىستاندىكى سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، مەزكۇر مەركەزنىڭ ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس دىلنۇر قاسىموۋا خانىمنىڭ "ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش" ناملىق كىتابى يېقىندا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ھەمدە 30 –سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس بۇ كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
"ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش" ناملىق بۇ چوڭ ھەجىملىك كىتاب مەخسۇس رۇس تىلىدا سۆزلىشىدغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر تىلى رۇس ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەنلىگى ئۈچۈن ئۇ، يالغۇز رۇس تىللىق مىللەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاپ، كىچىكىدىنلا رۇس تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ۋە دەرسلىك كىتابلىق رولىنى ئوينىغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتاب قازاقىستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى ئەللىرى بويىچە تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كىتابى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئەنە شۇنداق بىر كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن.
قازاقىستان ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكتور كامال گۆدەنى زىيارەت(2)
- تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكتور كامال گۆدەنى زىيارەت(1)
- قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىندى
- ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى