خەلقئارا تەلىم تەربىيە ئىنستېتوتى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى مىللىي بىخەتەرلىك تەلىم تەربىيە پروگراممىسى نامىدىن، ئوفېتسىرلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تىللاردا سۆزلەش ۋە مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تىللار ۋە مەدەنىيەتلەر پروگراممىسىنى تاللىغان.
ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيىلىك تىللار ۋە مەدەنىيەتلەر پروگرامممىسى ئەرەبچە، رۇسچە، ئۆزبەكچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسىتېتقا 481 مىڭ دوللار پۇل ئاجراتقان.
ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى تىللىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە سلاۋ تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى پروفېسسورى پاۋل فوستەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مۇداپئىئە مىنستىرلىقىنىڭ ئوفېتسىرلارنىڭ مەزكۇر تىللارنى ئۆگىنىشى ۋە مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مەبلەغ ئاجراتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تىللارنىڭ ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى ئەھمىيىتىنى ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
