ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغالدى
ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى قوغداش توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ۋە مىللەتلەر تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەت ئەلىلەرگە سۇنماقچى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى 1 - نويابىر كۈنى باشلاندى.
تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي رايوندىكى خىتايلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى تەڭ ئىشلىتىش، ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېر ساھەسىدە ئومۇملاشتۇرۇش، خىتاي كادىرلىرىغا رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش شەرتىنى قويۇش، خىتاي مەكتەپلەردە خەنزۇ بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنى يولغا قويۇپ، " قوش تىللىق بولۇشنى" ھەقىقيى تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
تەكلىپ لايىھىسىدە ئەسكەرتىشىچە، " ئاپتونومىيىلىك رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇلارغا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى ئۆگىنىشتە يىتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىلمىگەن " . تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگىزىۋاتقان مىللەت بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم يەرلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر جۇڭگو ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ماددىلارنى ئۆز پېتى ئىجرا قىلماي، "خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا " دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئارىسىدا "ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق، تەرەققى قىلغان ۋە قىلمىغانلىق مۇناسىۋىتى يوق" دېيىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، 2002 - يىلى 3 - ئايدا خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا "ئۇيغۇر تىلى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشەلمىدى" دېگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇ ئا ر دا خىتاي تىلى ئۆتكىلىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى قىسقارتىلدى
- نۇر بەكرى: قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
- خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى رەت قىلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىلدا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 6 يىلدا 50 ھەسسە كۆپەيگەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز - ئارا قوشۇۋىتىلگەن مىللىي ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 700 ئاشتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە