خىتاي ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىشتىن توختىتىلغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى، خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۈچ ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسىنى ئىشتىن توختىتىپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-20
Share

 خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەن سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ،" پۈتۈن ئۇچقۇچىلار خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر بولسۇن ۋاقىت جەدۋىلى بۇيىچە ئىشلەۋاتىدۇ " دېدى.

خىتاي ھاۋا يوللىرىدا ئۇچ ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لى جيەن، ئابابەكرى مەمەت، ئەلى ئىمىننىياز ۋە دولقۇن ئىسىملىك بۇ ئۇچقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مەشھۇر تايمىز گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەيدىغان ئۈچ ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىشتىن توختىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. تايمىز گېزىتى خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كۈتكۈچىلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرى يۆتكىلىپ خىتايدىكى باشقا رايونلاردا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ خىزمىتىگە ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

تايمىز گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنى خىزمەتتىن توختىتىش قارارىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت