لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىرلاندىيىدە ئويۇن قويدى
2007.10.14
12-ئۆكتەبىر كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇبلىن مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلدى.
ئۇلارنى مەزكۇر مۇزىكا ئىنىستىتۇتى رەسمىي تەكلىپ قىلغان ئىدى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى مەزكۇر ئىنستىتۇت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان خىتاي ۋە شەرقىي ئاسىيا مۇزىكا مەدەنىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى، شەرقىي ئاسىيا مۇزىكىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكا مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان ، ئىگىلىشىمىزچە، ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى يەنىلا خىتاي ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىغا بېغىشلانغان.
مۇھاكىمە يىغىدىن كېيىن ، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى، موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ناخشىچى ۋە باشقىلار ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
بۇ ئۆمەك 2004-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئانسامبىل لوندوندا ياشايدىغان بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ھەۋەسكارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلىغان ئىنگلىزلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۆمەك ئادەم كۈچىنىڭ ئاز ، قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىغا قارىماي، 2005-يىللىق لوندون مۇساپىرلار بايرىمىدا ۋە 2007-يىلى، 6-ئايدا لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇساپىرلار ھەپتىسىدە ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، مۇقاملىرى ۋە باشقىلارنى ئەنگىلىيە تاماشىبىنلىرىغا تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
- " ۋاڭ لېچۇەن يەكەندە 12مىڭ ئۇيغۇرنى ئۇسۇلغا سالدى"
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)
- دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن" دۇنيا ئاۋازلىرى " فېستىۋالىغا قاتناشتى
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىژدا