ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىرتتىن كەلگەنلەرنى نوپۇسقا ئېلىشقا كەڭ يول ئاچتى

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى' بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نوپۇس سىياسىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئوقۇش ئىستاجىغا قارىتا، توي قىلغانلارغا قارىتا بۇرۇن قويۇلغان چەكلىمىلەر ھازىر ئاسانلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىشىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىلغان. ئەمما ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا قارىتا يەنە بىر شەرت قوشۇلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، باشقا جايلاردىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قولىدا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكوم، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، مەخسۇس تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۆزى ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن دىپلومى بولسىلا ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا پۇل تۆلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا نوپۇسقا ئېلىۋىرىدىكەن.

توي قىلغانلارغا قارىتا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان 'تۆت يىلدىن كېيىن نوپۇسقا ئىلتىماس قىلالايدۇ' دېگەن بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھەربىيلەرنىڭ بالا - چاقىلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش جەھەتتىكى بۇرۇنقى چەكلىمىلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئەمما، پەقەت سىرتتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىشىغا بىر مۇھىم چەكلىمە قوشۇلغان. ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېڭى نوپۇس سىياسىتىگە قارىغاندا، سىرتتىن كېلىپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۈرۈمچىدە ئىجىتمائي سۇغۇرتا تۆلەۋاتقانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئاندىن نوپۇسقا ئىلتىماس قىلالايدىكەن.