دۇنيا، قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان لوزۇنكىلارنى كۆردى

چەتئەلدە چىقىدىغان ئېلېكترونلۇق گېزىتلارنىڭ بىرى بولغان 'بوشۈن خەۋەرلىرى'دە 4 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېمىغا "تارقاق ھەج قىلىش قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت" دەپ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ فوتو سۈرىتى بېسىلدى. دۇنيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆردى.

بۈگۈن 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مرگ بىلەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھرىك مۇ بىرلىكتە دوكلات ئېلان قىلىپ "خىتاي گەرچە غەربنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسدىن غەربتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بەھرىمان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى چەتكە قاقتى، مەنپەئەتلەردىن يىراقلاشتۇردى، بەلكى ئۇلارنى قاتتىق باستۇردى، بۇنىڭ پاكىتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە،" دەپ بايان قىلدى. (ۋەلى)