روېيتېرس : ئەنسىز شىنجاڭ، خىتاينىڭ تىبەتتىن كېيىنكى يېغىلىق ماكانى بولۇپ قالامدۇ؟

روېيتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى خوتەندىن خەۋەر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاسسىمىلاتسىيە مەقسەتلىك سىياسىتى ئۇيغۇرلاردا تەتۈر نەتىجە ياراتقانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىنىش رېفلېكسى قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.18

 ئەنسىز شىنجاڭ خىتاينىڭ تىبەتتىن كېيىنكى يېغىلىق ماكانى بولۇپ قالامدۇ، دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر خەۋەردە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نوكولاس بېكيۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. نىكولاس بېكيۇلىن "سىىياسەت ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتماقتا.....كىشىلەر دۆلەتنىڭ كىملىك مودىلىغا قارشى ئۆز مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، مىللىي كىملىكىنى قوغدىماقتا "دەپ تەكىتلىگەن.

روېيتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىندسېي بېكنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تىبەتكە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك تۈس ئالالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى خەلقلەرنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى، يەرلىكلەرگە بۇنداق بىر ئىمكانىيەت بەرمەيدىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە خوتەن ۋىلايىتىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى، لېكىن نامايىشنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ئەنسىرىگەندەك تىبەتكە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تۈس ئالالماي، شۇ جاينىڭ ئۆزى بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە يەنە، بىر يەرلىك ئۇيغۇر قىزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ،" سىز بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلايسىز......شۇڭا بۇ يەردە چوڭ كۆلەملىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمىكى تەس."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.