بۇ يىل 9 - ئايدا " شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپى"دە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر جۈمە كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا تۇنجى قېتىم بۇ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە ۋەقەدىن كېيىن ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىنىڭ كەڭ - كۆلەملىك تەرتىپكە سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەڭرىتاغ تور پونكىتى مۇخبىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىگە كىرسە، ئوقۇغۇچىلارغا "غەربىي يۇرت" ۋە "شىنجاڭ" دېگەن ئاتالغۇ چۈشەندۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. 20 - سېنتەبىر ۋەقەسى ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىدىكى بىر ماگىزىندا ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى خىتاي ئوقۇغۇچى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش تارتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋەقە ناھايىتى تېزلا مەكتەپتىكى خىتاي - ئۇيغۇر توقۇنۇشىغا ئايلانغان ئىدى.
ئەدلىيە ساقچى مەكتىپى پارتكومىنىڭ ۋاڭ پەمىلىلىك سېكرىتارى، ۋەقەدىن كېيىن مەكتەپنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرتىپكە سېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ۋەقەدە مەكتەپتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
ۋاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدە 49 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. بۇ ۋەقە مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش بولسىمۇ ، لېكىن ۋاڭ ۋەقەنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى كوللىكتىپ مۇشتلىشىش ۋەقەسى دەپ ئاتىدى. دائىرىلەر ئەينى چاغدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەركىن)