"شىڭداۋ" گېزىتى: ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن


2008.02.15

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 18 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي تەرەپتىن 2 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

"يۇلتۇزلۇق ئارال" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر 13 ‏- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. خەۋەردە ۋەقەنىڭ 4 ‏- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ بەخت باغچىسى ئاھالىلار رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، بەخت يولى ساقچى پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ باقمىدى.

بەخت يولى ساقچى پونكىتىدىكىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت چاغان مەزگىلى بولغانلىقتىن كىشىلەرنى چۆچۈتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ۋەقەنى ئېلان قىلمىغان. بەخت يولى ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بەخت يولى ساقچى پونكىتىدىكى بىر خادىم، "بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى"، ئەسكەرتتى.

لېكىن بەخت باغچىسىدا ئولتۇرىدىغان بىر خىتاي پۇقراسى خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىمىزغا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئۆزى ئولتۇرىدىغان بىنانىڭ ئارقىسىدا يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، لېكىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ساقچىلاردىن ئادەم ئۆلمىدى" دەيدۇ. يەنە بەزى خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ شۇ جايدىكى باغچىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ باغچىغا توپلانغان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋەقە چاغان كۈنى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى ئېلان قىلمىغان ھەم بەخت يولى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقىنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.