نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەتنىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتۈردى


2007-08-27
Share

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 24‏- ئاۋغۇست كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتىدا نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تۈرمىدە قېيىن-قىستاق ئاستىدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە، ئېنىقلانمىغان خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت دۆلەت باش ئەلچىخانىلىرىنى ھەمدە ب د ت نىڭ قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈپ نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا شۇنداقلا نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سالامەتلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن 2004 ‏- يىلى نويابىر ئېيىدا قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا " ياۋا كەپتەر" ناملىق قىسقا بىر ھېكايە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ يىلى 29 ‏- نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش " دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 2005‏- يىلى فېۋرال ئېيىدا نۇر مۇھەممەت ياسىن ئۈستىدىن يېپىق سوت ئىچىپ ئۇنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئېنىقلانمىغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت