خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى توغرىمۇ؟
2007.07.12
خىتاي ھۆكۈمىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆزلىرىنى خىتاي مۇھاجىرلىرى دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق 12 نەپەر ئۇيغۇر، قازاقىستانلىق ئابدۇللايېف ئابدۇلئېزىز باشچىلىقىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 12 كۈن زىيارەتتە بولىدىكەن. مەزكۇر ئۆمەك يەنە رايوندىكى تەرەققىياتنى چەتئەللەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدىكەن.
مۇھاجىرلار ۋەكىلى ئابدۇللايېف ئابدۇلئېزىز ": مەن شىنجاڭغا كۆپ كېلىمەن، ھەر قېتىمدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالىمەن، زىيارەتكە كەلگەنلەر ئىچىدە ئاخبارات ساھەسىدىن كەلگەنلەر خېلى كۆپ، بىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، چەتئەللەردىكىلەرگە تونۇشتۇرىمىز " دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيىتى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن مەزكۇر زىيارەت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەدەنىيەت ، دىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە سىياسىي باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان بىر چاغدا، ئاتالمىش ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەرەققىياتلاردىن سۆز ئېچىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۆز بويامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا
- تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى كېچىكلىمەكتە
- خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى گۈللەنگەنسېرى ئۇيغۇرلار ئارقىدا قالماقتا
- قاناس رايونى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ۋايرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇز تاغ ساياھىتىنى چەكلىدى
- تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى
- قاناس چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك جاي دەپ باھالىنىپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى
- بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلار ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى