مەشئەل كۆتۈرۈشكە بىر تاجىك موللاممۇ بېكىتىلگەن

بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلى نۇرغۇن توسقۇنلۇق ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن دۇنيانى ئايلىنىپ خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، خىتاي ئىچىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش سەپىرىنى باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.08

 مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۆلىكىدە مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرمۇ بەلگىلىنىپ بولغان ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدە پوسكام ناھىيىسىدىن بولغان تاجىك موللام ئەزىز ئابلىزمۇ بار.

تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشچە، "ئەزىز ئابلىز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇپ، بۇ كىشى ھەر دائىم ناماز ۋاقتىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۆنىلىش، كۆرسەتمە ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز دىنىي تەبلىغلىرىگە قوشۇپ تەشۋىق قىلغان ھەمدە "ئاممىنى ھىزبۇل تەھرىر تەشكىلاتىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش جەھەتلەردە كۆپلەپ تۆھپە قوشقان" كىشى ئىكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇشۇنداق ياسالما مۇراسىملار ئارقىلىق ساختا كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ بۇ تاجىك موللامغا ئولىمپىك مەشئىلىنى تۇتقۇزۇشىدىكى غەرىزى ھەققىدە توختالدى ۋە "شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي، بىرىنچىدىن خەلقئاراغا ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي زاتلارنىڭ قەدىرلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇش، ئىككىنچىدىن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئاتالمىش دىنىي زاتلارغا ئۈلگە تىكلەش" دەپ كۆرسەتتى.

ئالدىن بەلگىلىگىنىدەك، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.