قار ئاپىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى دېھقانچىلىقىغا 4 مىليارد 745مىليون يۈەن زىيان سالدى


2008.03.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ھەمدە ئورمانچىلىق نازارەتلىرىنىڭ بۇ يىلقى قار ئاپىتىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل قىش پەسلى كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ داۋام قىلغان سوغاق ھاۋا ۋە قار ئاپەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەتتە ئوبلاست ھەمدە ۋىلايەتتىكى 40 تىن ئارتۇق ناھىيىسىدە تەخمىنەن بەش مىليون دېھقان ‏ - چارۋىچىنى ئاپەتكە ئۇچراتقان بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمدە باغۋەنچىلىكتە كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 4 مىليارد 745 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن قار ھەمدە ئۈششۈك ئاپىتى، 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئاپەت ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرغىچە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك مېۋىلىك باغلىرىنىڭ %54 ى ئۈششۈكتە قالغان بولۇپ، باغۋەنچىلىكتىنلا ئۈچ مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن. بۇ قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتى سەۋەبلىك بۇ يىل دېھقانچىلىقتا كۆرۈلگەن ئومۇمىي زىياننىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ دېھقانچىلىق ھەمدە چارۋىچىلىقتا كۆرۈلگەن زىياننىڭ 15ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئۈششۈك ئاپىتى سەۋەبلىك بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مېۋە مەھسۇلاتى ئالاھىدە تۆۋەن بولىدىكەن. بولۇپمۇ بادام مەھسۇلاتى %75 تۆۋەنلىشى مۇمكىن، باشقا مېۋە مەھسۇلاتلىرىمۇ %20 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىكەن. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، قار ھەم ئۈششۈك ئاپەتلىرىنىڭ بۇنچە زور زىيانلار ئېلىپ كېلىشىگە،ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش ھەمدە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارمىغانلىقىمۇ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى بولغان.

گەرچە، نۆۋەتتە ئۈششۈك ئاپىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۇيغۇر ئېلى مېترولوگىيە ھەمدە مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىل ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە كۆپ جايلاردا ئېغىر كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.