ئۇيغۇر ئىلىنى خىتاينىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇش نارازىلىققا يول ئاچتى


2008.01.10

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2008 ‏- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى " شىنجاڭنى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك " دەپ تەكىتلىدى.

نۇر بەكرىنىڭ مەزكۈر شۇئارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ " : نۇر بەكرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى، خىتاينىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى شۇئارىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ زېمىنغا كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشكە ئۈزلۈكسىز قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەت، ئۇلار ھېچقاچان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئازادە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان ئەمەس، چۈنكى ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ " دېدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، 5 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەن ساياھەتچىنىڭ 74 مىليون ئادەم ‏- قېتىمغا يېتىپ، بۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان كىرىمنىڭ 68 مىليارد يۈەنگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى 403 كە يەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە 2007 ‏- يىلى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 21 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

گەرچە خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشاشلا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق دىلشات رىشىت، بۇنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ يېقىنلىشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى چەكلىمەكتە. چۈنكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، مۇھىت ئېكولوگىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكتىن مەيدانغا كېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.