كۆنەس ناھىيىسى ئورگان كادىرىدىن 10 مىڭنى "ئاساسىي قاتلام" غا چۈشۈرگەن
-
2008-03-05 -
-
-
شىنجاڭ رادىئوسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم تاللانغان 10 مىڭ كادىر كەنت، مەھەللە، كارخانىلارغا بېرىپ زىددىيەت - ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۈرىنى پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.
جۈملىدىن، يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ يېتىپ قوپۇشى ۋە تامىقى دېھقانلار ئائىلىسىدە بولىدىكەن ھەمدە دېھقان- چارۋىچىلارغا تاماق ياتاق پۇلى بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى بىردىن- ئىككىگىچە قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. پائالىيەتنىڭ رەسمىيەت بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈنەس ناھىيىسى 11 خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە 11 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغان.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىچىككىنە بىر ناھىيىدە ئون مىڭلىغان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە يەرلىشىشى ھەمدە خەلقنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىشى، خەلققە ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي جەھەتتىنمۇ كۆپ نارازىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى دېھقانلار بۇ كادىرلاردىن تاماق پۇلى ئېلىشقا پىتىنالمايدىكەن ھەمدە قورقۇپ ھېچقانداق پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدىكەن.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا پەقەتلا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، خىتاي كادىرلىرىنىڭ دېھقانلار ئائىلىسىدە يېتىپ قوپۇشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىگە خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى قاتتىق رەنجىتىدىغان بىر ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ؟
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا
- يەكەندە يۈز مىڭ دېھقان كەڭ كۆلەملىك ھاشارغا تۇتۇلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى ئىككى چوڭ يىغىندا نېمە ئۈچۈن ھاشار سىياسىتىنى يوق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ؟
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى مەدىكار سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار يەنە ھاشارغا ھەيدەلمەكتە
- خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە " ھاشار" ئەمگىكى داۋاملاشماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچىلار پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى