خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە


2008.01.10

ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ۋە " ئۈچ خىل كۈچ" شۇنىڭدەك ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتۇشتا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ھوقۇقدارى ۋاڭ لېچۈەن " مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ بىر كۈندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقىملىقنى جارى قىلدۇرۇشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچەمنى تەۋرەنمەي كۈچەيتىشى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى كۈچەيتىشنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقىملىقنى جارى قىلدۇرۇشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە "مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇش" نى ئالاھىدە تەلەپ قىلىشى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى دەپ قارىماقتا .

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە ھىمايىگە ئېرىشىشى، بولۇپمۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى توغرىسىدىكى بىر قانچە ماددىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.