خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىغا چەكلىمە قويغان

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ 31‏ - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىشىنى چەكلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشى ناھايىتى قىيىنلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر شەھىرىگە ئايروپىلان بىلەن بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. ھاۋا يولى شىركەتلىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدە تەكلىپنامىسى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا ئايروپىلان بېلىتى ساتمايدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ھەشمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ سودا مەقسىتىدە خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىگە بېرىشقا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلاردىن ئۆتكەن بولۇپ، شىئەندىكى شىركەتتىن بىرنەچچە تەكلىپنامە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھاۋا يولى شىركىتى ئۇنىڭغا بېلەت سېتىشنى قوبۇل قىلغان.

بۇ ھەرىكەتنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بىر ئادالەتسىزلىك دەپ كۆرسەتكەن ھەشمەت، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى لېكىن ئۇيغۇرلار ئايروپىلان ئىستانسىلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر بىر ئازاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرماقتا دەپ تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.