"ئۇيغۇرلار شەكلى ئۆزگەرگەن مۇھىتتا كۈرەش قىلماقتا"
" ئۇيغۇرلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكلى ئۆزگەرگەن مۇھىتتا كۈرەش قىلماقتا" ناملىق بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىي بېسىمغا قارىتا پوزىتسىيىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
پېتر فورد تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.