ئامېرىكىدىكى دىنىي جامائەتلەر ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى


2007-05-25
Share

ئامېرىكىنىڭ مارىلان شتاتى جېرمانتاۋن شەھىرىدىكى نىكولاس چېركاۋى بىلەن بۇ يەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى بىرلىشىپ، ئالدىنقى يىلى گۈئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

نىكولاس چېركاۋىنىڭ خرىستيان مۇخلىسلىرى بىلەن جېرمانتاۋندىكى مۇسۇلمان جەمئىيىتى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سېلىۋېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە جەمئىي 5 مىڭ دوللار توپلىغان بولۇپ، بۇ پۇل يېقىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇرد ئەپەندى، ئۆزىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش پىكىرى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبېن ۋېللىتنىڭ "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" گە يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن.

كېن ۋۇرد ئەپەندى، رادىئومىز مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تەرتىپكە سېلىۋېلىش ئۈچۈن پۇلغا ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ۋە شۇڭا بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش راھىب كېن ۋۇرد بۇرۇنمۇ ئامېرىكىدىكى 9 خرىستيان چېركاۋىنىڭ باش راھىپلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرسە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلدكە خەت يازغان. لېكىن رامسفېلد، ياردەمگە ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئۇلارنى خەۋەردار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بۇ تەلەپنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت