ئۇيغۇرلار يەنە باستۇرۇش نىشانى قىلىپ تاللاندى


2007-09-07
Share

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى، كېلەر ئايدا چاقىرىلىدىغان كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن، جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلىدىغان ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك كەڭ - كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ، مىنىستىرلىقىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملۇقنى قوغداش ساقچى كۈچلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى مەزگىلىدىكى تۈپ ۋەزىپىسى ۋە بۇ جەريانىدا زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدىغان نىشانلار خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى "دۈشمەن كۈچلەر" دەپ تەكىتلىگەن. جاۋ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدىغان " دۈشمەن كۈچلەر" نىڭ كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، "مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە زوراۋان تېررورچى كۈچلەر " دېدى ۋە فالۇنگوڭ مەزھىپىنى باستۇرۇلىدىغان "خۇراپىي گۇرۇھلار"سۈپىتىدە تىلغا ئالدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلتاي خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر 5 يىل ئىچىدە يولغا قويۇدىغان سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى، مۇستەقىلچى كۈچلەرنى ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي زاتلارنى "مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى، دىنىي ئەسەبىيلەر " دەپ ئاتىماقتا ۋە بۇ كۈچلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى، دەپ تەكىتلىمەكتە. لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ"ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت