خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى سەلىم يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا


2007.12.10

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى تەۋەسىدە بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "قاتتىق باشقۇرۇش ھەرىكىتى"نى قايتىدىن كۈچەيتىلگەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلاردا يول-يولغا توساق قۇرۇپ ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈپ دىنىي ماتېرىياللارنى يىغىۋېلىش ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى سەلىم يېزىسىدا " ئىسلام ئازادلىق پارتىيىسى" ئەزالىرى بارلىقىنى باھانە قىلىپ مەزكۇر يېزىدا 6 ئايدىن بۇيان باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە نۇرغۇن ئادەم تۇتۇلغان ھەمدە خىتاي مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئېيتقان ئاتالمىش "ئىسلام ئازادلىق تەشكىلاتى" مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ مۇشۇ نام ئاستىدىكى ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ پەقەت ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇنداق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە "خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى ‏- تەرۇز قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگىمۇ ئېغىر دەخلى قىلدى" دېدى.

دىلشات رىشىت خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىز خىتاينىڭ ئاقسۇ رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەمدە بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى ‏- تەرز قىلىدىغان يولسىز قىلمىشىنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىمىز" دېدى.

خىتاي ھەر يىلى ئايلارغا سوزۇلىدىغان "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ زوراۋان قىلمىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قاراپ يىللىق كىشىلىك دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.