غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى تاماملانماقچى
2008.02.26
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ 26 - فېۋرال خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش دەپ ئاتالغان،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى پىلانلىغان، گاز يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا رەسمىي ئىش باشلىغان بولۇپ،مەزكۈر قۇرۇلۇش پىلان بۇيىچە 2010 - يىلى تاماملانسا، خىتاينىڭ چاڭجياڭ ئۈچ بۇرجەك رايونىدىكى شەھەر، ناھىيىلەرنى 20 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2010 - يىلى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازى،خىتاينىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسى ئەتراپىدىكى ئۈچ چوڭ رايوندىن شاڭخەيگە قەدەر كەڭ دائىرىدىكى جايلارغا يەتكۈزىلىدىكەن.
شۇنداقلا مەزكۈر غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش پىلانىدىكى ئىككىنچى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، ھازىر شاڭخەينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە داۋانچىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ شامال ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا رايونلىرىمۇ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شامال ئېنېرگىيىسى توك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلمەكچى بولۇپ، پىلان بۇيىچە بۇ قۇرۇلۇشمۇ 2010 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئىچىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدىكەن.
يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى يەرلىك رايون ھەم خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتتە ئېچىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ" تارىخىي ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئېچىشنى تېزلەشتۈرۈش دېگەن ئوچۇق - ئاشكارا بۇلاڭچىلىق شوئارى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە تەۋە بايلىقلارنى تالان- تاراج قىلىشنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا "دەپ تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇ يىلقى قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 820 مىليون توننىغا يەتتى
- غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى
- "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
- خىتاي ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقتا
- غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى رەسمىي ئىش باشلايدىكەن
- قەشقەردە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنى، خوتەندە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقىنى كەڭ - كۆلەملىك ئېچىش پىلانى مۇھىت ئەھلىنى ساراسىمغا سالماقتا
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى









