قازاقىستاندا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى ئېچىلىدۇ
2005.08.07
قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلاردىن ئىگىلىشىمىزچە يېقىندا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارمىقىدىكى غوجەخمەت سەدۋاقاسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى مەخسۇس خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىش ھارپىسىدا يەنى 1991-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنىدىن كېيىنكى ئەڭ كۆلەملىك ۋە خەلقارالاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ پۈتۈن ئىقتىسادىي چىقىملارنى زېممىسىگە ئالغان.
ئىنگىلىز، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرى يىغىننىڭ خىزمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كونا سىياسى-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخى شۇنىڭدەك بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە ئوبيېكتى قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنقەرەدە تۈركولوگىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتە
- تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس شىناس بېكىن ۋاپات بولدى
- ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ئۆزقان ئىزگە ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
- قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ۋەكىلى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى