قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قازاقىستاندىكى "ناش مىر" نەشرىياتى "ئۇيغۇرشۇناسلىق ماقالىلار توپلىمى" نى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

بۇ 15 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ ھەجىملىك مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ماقالىلار توپلىمى بولۇپ، مۇنداق توپلامنىڭ بىرىنچىسى 1979-يىلى ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ توپلىمى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان بولسا، ئىككىنچىسى 1991-يىلى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىننىڭ ماقالىلار توپلىمى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان ئىدى. دېمەك، بۇ 90-يىللاردىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق توپلام بولۇپ قالغان.

مەزكۇر ماقالىلار توپلىمى ئەمەلىيەتتە قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ئابلەت كامالوپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2005-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر.

مەزكۇر توپلام ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغان ماقالىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئۇيغۇر ئېلى، ياپونىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئېتنوگرافىيىسى ۋە باشقا مەسىلىلىرىگە ئائىت ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.(ئۈمىدۋار)