ئۇيغۇر ئېلىدە 1500 يىل بۇرۇنقى ئۈزۈمزارلىقنىڭ قەدىمى يادىكارلىقى بايقالدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە يېقىندا تارىخى 1500 يىلدىن ئاشقان، كۆلىمى 200 مو كېلىدىغان قەدىمى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خارابىسى بايقالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىتاي بويىچە بايقالغان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان قەدىمى ئۈزۈمزارلىق خارابىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئارخېئولوگلار توقسۇ ناھىيىسىدىن 50 كىلومېتىر يىراقتىكى جايدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىر قەدىمى ھويلىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان. مەزكۇر ھويلىنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئېغىز ئۆي ۋە 20 تۈپتەك قۇرۇپ كەتكەن قەدىمى ئۈزۈم پىلىكى بار ئىكەن. قەدىمى ھويلىدىن يىراق بولمىغان جايدا مەزكۇر كەڭ كەتكەن قەدىمى ئۈزۈمزارلىق بايقالغان.

توقسۇدىكى باغۋەنچىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قىياس قىلىشىچە، بايقالغان قەدىمى ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنىڭ سورتى، ھازىر توقسۇ ناھىيىسىدە تېرىلىۋاتقان ساي ئۈزۈمى بىلەن ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدىكەن(ئارزۇ)