
خىتاي كومپارتىيە مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنى مەركەز قىلغان ھەر قايسى ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە، ئۇيغۇر ئېلىنى مۇقىم ساقلاشنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ بىر يىلدا تېروررچىلىققا زەربە بېرىشكە ھەر دائىم پۇختا تەييارلىق كۆرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ "تېررورچىلىق" يالغان قالپىقىنى ئۇيغۇرلارغا كىيگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى يوللۇقلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەۋەلىكىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا بەلگىلىشىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.(پەرىدە)