ۋاڭ لېچۈەن، كومپارتىيە ئەزالىرىدىن "ئۈچ خىل كۈچ" كە داۋاملىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2005.03.01

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى داۋاملىق تۈردە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە، "بىز چوقۇم مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيىدىن تەۋرەنمەي، بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكالدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە قەتئىي بوشاشماستىن زەربە بېرىشىمىز كېرەك" دېگەن.
ئۇ بۇ سۆزنى، "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ قارىغان كومپارتىيە ئەزالىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىدى.
بۇنىڭ ئالدىدىلا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى لو گەن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىشنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق بىلەن سىياسىي ۋە دىنىي كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن مەسىلنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
- خىتاي كومپارتىيىسى يەنە يېڭى ھەرىكەت باشلىدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ۋەزىيىتى خەتەرلىك
- ۋاڭ لېچۈەن "تېررورچىلىق" قا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا، خەلق ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات ياراتماقتا