خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۇەننى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقلىقىغا قايتىدىن بەلگىلىدى


2006.10.25

'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' نىڭ 25 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى، مۇسۇلمان ئاھالىسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سابىق كوممۇنست خىتاي باشلىقنى قايتىدىن بەلگىلىدى. بۇ ۋەقەنى خىتياينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' مەزكۇر رايوندا 1995 ‏- يىلىدىن تارتىپ باشلىق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاڭ لېچۇەن قايتىدىن سايلاندى، دەپ ئېلان قىلدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىقغە قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان 62 ياشلىق ۋاڭ لېچۇەن، 2002 ‏- يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىمتىيازلىق ئورگان ‏- سىياسىي بيئۇروغا ئەزا قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ لېچۇەن، بۇ رايوندىكى مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ رايۇندا ھاكىمىيەت تىكلىگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە دۇنيا بۇيىچە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسۈتۈلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە خانىمنى 'تېررورچى' دەپ ئۆزلۈكسىز ئەيىپلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ۋاڭ لېچۇەننىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، مىللىي خۇسۇسىيەتلىرى خىتايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە تېررورچىلار تىزىمىغا كىرگۈزۈپ ئەيىپلەپ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.