ۋاڭ لېچۇەن" شىنجاڭدا تېررورچىلىققا قاتتىق زەربە كېرەك" دەپ قايتا تەكىتلىدى
2007.03.11
بېيجىڭدا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن،-9 مارت خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورچىلىققا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى ، بايلىق ئېچىلىشى، مۇھىت قۇرۇلۇشى،ھەمدە دىننىي سىياسەتلىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئاساسلىق سۆزلەپ " شىنجاڭدا يىگىرمە بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلق ياشايدۇ، ئارىدا ئون بىر مىليونى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بىز شىنجاڭدا قانۇنسىز دىننىي ھەرىكەت، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە تېررورچىلىققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ كەلدۇق، بىز ھەر مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى ، ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلارنى قوغدايمىز. خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر قېرىنداشتەك ئىناق ياشىماقتا " دېگەن.
ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ بايانلىرى دەرھال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى . بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت " ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تېرورلوق بىلەن ئالاقىسى يوق ، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي دىننىي ئىقتىسادى ھەتتا ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىنى دۆلەت تېرورلىقى بىلەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ كەلمەكتە. خىتاي نوپۇسىنى ئاشكارا ھەمدە يۇشۇرۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سىياسىي كۈچى ، ئىقتىسادى كۈچى، نوپۇس سانى ھەمدە زوراۋانلىقى بىلەن يوقاتماقچى ، ئۇيغۇرلار ھەر قاچان يۇرتىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈپ كەلگەن ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان سىياسەت قوللىنىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ زىدىيەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ." دېدى.
شۇنداقلا ئاخىرىدا ئۇ "ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ياكى سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچ يولدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى ھەرگىزمۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت ئەمەس، بۇ قارشىلىق بۇ نارازىلىقلار ئۇيغۇرلار قاچانكى ئۆز قانۇنلۇق ھەق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكىچە توختىماي داۋام قىلىدۇ"دەپ تەكىتلىدى.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نىڭ خىتايدىكى "ئىككى چوڭ يىغىن "غا سۇنغان تەكلىپلىرى
- ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى ئىنتېرنېتكە كېڭەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قاغىلىق ناھىيىسىدە سىرت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ھەربىي تۈزۈمدە ئىدارە قىلىنىدىغان ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتى قۇرغان
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى مۇكاپاتلىدى