د ئۇ ق ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە بەردى


2007.01.18

17 ‏- يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ‏- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ بىرلەشمە مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ": مائارىپ، داۋالاش ساھەسىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي ئىشلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەمەلدار قىلىپ بېكىتكەن كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈن تەرەپتىن بولۇپمۇ، ئۆزى تەكىتلەۋاتقان مائارىپ، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ساھەسى بۇيىچە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ئەمەس بەلكى خەلقنى ئېزىش، باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ كەلدى، ئۇ مائارىپ ساھەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىلنى ئاسمىلىئاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە، ئۇ بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىشسىز قويدى. تەنتەربىيە ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، ھەتتا شەخسى خىراجەت بىلەن تەشكىللەنگەن تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرىغىمۇ مىللەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇر ياش ‏- ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسى بۇيىچە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى، داۋالاش ساھەسىدە خەلققە ئەھمىيەت بېرىش ئەمەس بەلكى، بىرىنچى شەرت پۇل، ئىككىنچىسى داۋالاش پرىنسىپى بۇيىچە، كۆپلىگەن خەلقنىڭ بىھۇدە ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى" .

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، ۋاڭ لېچۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىكتاتورلۇق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالاشتا، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ جىنايەتچى دەپ قارايدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.