دىلشات رېشىت : ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىككى قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزىل قىنى بىلەن بويالدى


2008-02-18
Share

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ قەتلى قىلىش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىنى "شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئادەم" دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە "ھەقىقەتنى ئاستىن ‏- ئۈستۈن قىلغانلىق" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىق بولۇپ ئىشلىگەن 10 نەچچە يىلىدىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەر ئىككىلا قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزىل قىنى بىلەن بويالدى" دېدى.

ئۇ يەنە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "شۇڭا ۋاڭ لېچۈەن تارىخنىڭ قانۇنىي جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. ئۇ بىر جىنايەتچى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى" دېدى.

دىلشات رىشىت يەنە: "ۋاڭ لېچۈەننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ‘يوشۇرۇن ئولتۇرۇش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق كىشى’ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىرىنچىدىن، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىسا، ئىككىنچىدىن، ئۇ شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھەرىكەتلىرىنى تېررورچىلىققا باغلاش مەقسىدىگە يەتمەكچى،" دەيدۇ.

دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ پارلاق ۋە ئاشكارا ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسى كۆرەش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى ئارقىلىق ئۆز ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت