ۋاڭ لېچۇەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى
2007.07.25
ئالدىنقى ھەپتە ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 240 نەپەر خىتاي ياش ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 24- ئىيۇلدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ۋاڭ لېچۇەن باشلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، مەخسۇس كۈتىۋېلىش يېغىنى ئېچىپ، بۇ ئوقۇغۇچى پىدائىيلارنى قوبۇل قىلغان.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لېچۇەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىقلار، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىغا تەۋە 910 نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە سۈرەتكە چۈشكەن.
ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەزكۇر پىدائىيلار قوشۇنىغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچى پىدائىيلار غەربكە ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلغىنىغا بۇ يىل بەش يىل بولغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىسىدىن كەلگەن پىدائىيلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان. ئۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا، ئۇيغۇر ئېلىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىش توغرىلىق يوليورۇق بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشسىز يۈرگەن نۇرغۇنلىغان ياشلار خىزمەت تاپالمايۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش چىقماي نۇرغۇن قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان شارائىتتا، بۇنداق كوپ ساندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنىشى ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئېنىقكى بىر مۇستەملىكە سىياسىتى، دەپ كۆرسەتتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 10 ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيە، كانادا دۆلەتلىرىدىكى 39 ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى
- ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تەنقىدكە ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن
- مائارىپ نازارىتى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن ھەيدىگەنلىكىنى ئاقلىدى
- ئۈرۈمچى 15 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى