ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
2007.10.15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ ياخشىلانغانلىقىغا قارىماي، ئېتنىك مۇقىمسىزلىقنىڭ رايوندا يەنىلا جىددىي مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ لېچۈەن،" چەتئەل كۈچلىرى "نىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى كوچىلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ "چەتئەل كۈچلىرى"نىڭ كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ۋاڭ، بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان كومپارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئارىسىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ" شىنجاڭ ناھايىتى مۇرەككەپ جاي، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ " دېگەن. ئۇ يەنە، "چەتئەلدە خەلقنى ئىچكى جەھەتتىن كۈشكۈرتىۋاتقان كۈچلەر بار. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىمىز ۋە ساقچىلار جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ھەر قانداق كىشى بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى ياكى دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولىدىكەن، بىز شۈبھىسىزكى ئۇلارنى باستۇرىمىز " دىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى، ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي مەسىلىلەردە مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، "رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىرىنچى ۋەزىپىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.
گەرچە ۋاڭ لېچۈەن ئېتنىك مۇقىمسىزلىق يەنىلا رايوندىكى جىددىي مەسىلە، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بۇ مەسىلىدە ۋاڭ لېچۈەن بىلەن زىت پىكىرلەرنى بايان قىلىپ كەلدى. ئۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇقىم ئىكەنلىكنى ۋە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇغا مۇقىملىق ساقلاش نازارەت قىلىش ئۆمىكى ئەۋەتتى
- خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجراتتى
- ۋاڭ لېچۇەن "ئامېرىكا باشلىق دۈشمەن كۈچلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا"دەپ كۆرسەتتى
- ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- ۋاڭ لېچۇەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى
- ماناس ناھىيىسىدە ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە
- خىتاي مىللىي ئىشلار تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھسى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا