ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى


2007.10.22

يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ - 17 قۇرۇلتىيى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ۋە ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىپ، قىسمەن تەرتىپكە سېلىشلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىنى ساقلاپ قالدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 90 ‏- يىللاردىن بېرى يولغا قويۇۋاتقان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئاتالمىش "شىنجاڭنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى"دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدىكەن.

چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرى قۇرۇلتايدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بەزى خەۋەرلىرىدە، ئەسلى ۋاڭ لېچۈەننىڭ جاۋ يۇڭكاڭنىڭ ئورنىغا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ يۆتكىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ۋاڭ سەندۇڭدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بىر " ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى " گە چېتىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىغا يۆتكىلىش ئېھتىمالى ئازايغانلىقىنى يازغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا زېڭ چىڭخۇڭ، لو گەن، ۋۇ گۈەنجىڭلار مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالار تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا سودا مىنىستىرى بو شىلەي، ج خ مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ، شاڭخەي پارتكوم سېكرىتارى شى جىنپىڭ، لياۋنىڭ پارتكومىنىڭ سېكرىتارى لى كېچياڭ ۋە مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې گوچياڭلار سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بۇ ئەھۋالنى خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇقى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.