ۋاڭ لېچۈەن قاتناشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر قىلىپ ئۆستۈرۈلمەكچى


2007-11-05
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، كېلەر يىلى 3- ئايدا خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتىغا يۆتكىلىپ قاتناشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر قىلىپ ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆستۈرۈلۈش خەۋىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئەۋج ئالغان.

بوشۈن ئاخبارات تورىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كومپارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ پىكىرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش جەھەتتىكى مەيدانى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ھازىر خىتاينىڭ غەرب ۋە شەرقتىكى كادىرلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جەنۇب ۋە شىمالدىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش يولىنى تۇتماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاڭ لېچۈەن ئەسلى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، 1991- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل ئەمەللەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇ، 1995- يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قول سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1997- يىلى 5- فېۋرال ئىلى ياشلىرى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن ھەمدە 2002- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئېرىشكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت