ۋاڭ لېچۈەن قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى


2004.11.18

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈەن زىيارىتىدە قىرغىزىسىتان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف، باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېف قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېمىلىرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرى خەۋىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە كونكرېت قايسى مەزمۇنلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان، پەقەت ئۇلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، كان بايلىقى ۋە دېھقانچىلىق سانائىتى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈەن 17 - نويابىر كۈنى بىشكەكتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىشىنى يېقىندىن قوللاپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.