ۋاڭ لېچۈئەن قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى ھەققىدە تاختالدى
2004.11.19
يېقىندا قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، بېشكەكتىكى زىيارىتى جەريانىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىرىلىگە قارشى ھەمكارلىق ۋە سودا مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈئەن ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى توغرىسىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا مەلۇمات بەرگەن. ۋاڭ لېچۈئەن مۇنداق دەيدۇ:"زىيارەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئۈچ خىل كۈچلەر، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، مۇھىت قوغداش ، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشمە خىزمەت مىخانىزىمى قۇردى." ۋاڭ لېچۈئەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە خىزمەت مىخانىزىمىنىڭ كونكىرىت ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان.
بىراق ۋاڭ لېچۈئەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى، سودىدىكى بالانىسنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، دەپ تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئاشكارىلىشىچە ، قىرغىزىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2003 - يىلدىكى ئومۇمى سودا ھەجىمى 230 مىليون دوللار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىرغىزىستانغا چىقارغان ئېكسپورت مىقتارى، قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چىقارغان ئېكسپورت مىقتارىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغان.
ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى. ئۇ قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن باش مىنىستىرىنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. (ئەركىن)