ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن مەسىلنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 -قېتىملىق يىغىنىدا 10 تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار ئىشلارنى ھەل قىلىنمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا 300 مىڭ ئاھالە يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ جايغا ئېھتىياجلىق بولغاندىن سىرت، 100 مىڭ ئائىلىنىڭ ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار ئىكەن، بۇلاردىن باشقا يەنە، يېزا - بازار شىپاخانىلىرى، تاش يول ۋە سۇ قۇرۇلۇشى ناچار بولۇپ، بىر قىسىم خەلقنىڭ پاكىز سۇ ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى تا ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىغان، دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان باج ئالاھىدە يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، 2 مىليون 50 مىڭ نەپەر پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. (ئەقىدە)