ۋاڭ لېچۈەن "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش"نى تەكىتلىدى
2006.01.04
خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ۋە قىزىلسۇغا قىلغان زىيارىتىدە "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" نى تەكىتلىدى.
ۋاڭ لېچۈەن بۇ سەپىرىدە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى رەھبەر ۋە كادىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىككى رايوننىڭ خىتاينىڭ "بۆلگۈنچىلىككە قارشى" كۈرىشىدىكى ئىككى مۇھىم ئالدىنقى سەپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر قايسى دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، بۇ رايونلارنىڭ "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" خىزمىتىدە بىخەستەلىك قىلىشقا ياكى بوشىشىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. "جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش- بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزنى بىرى" دېدى ۋاڭ لېچۈەن.
ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېڭى يىل نۇتقى
- جاڭ چىڭلى تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇۋاپپەق سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- ۋاڭ لېچۈەن 19 چەتئەللىكنى "تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقانلىقىنى پاش قىلدى
- خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەقدىرلىدى