ۋاڭ لېچۈەن ئىلىدا يەنە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2006.05.07

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى شۇنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لېچۈەن غۇلجا، قورغاس، نارات ئايرودرومى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلىق جايلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇ، 5-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ئىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ،" ئىلى ئوبلاستى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت مۇقىملىقنى قوغداشنى" تەشەببۇس قىلغان.

ۋاڭ لېچۈەن يەنە "ئۈچ خىل كۈچلەرگە نىسبەتەن قاتتىق باستۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قىلىش، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم" دېگەن. تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا، ئىلى 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان جاي، بۇ يەردىكى قارشىلىقلار ھېچقاچان توختاپ قالغان ئەمەس، 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسى خەلقاراغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.