ۋاڭ لېچۈەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى يەنە سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى


2006.05.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر چاغدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

14- ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى مۇدىرلىرىنىڭ يىغىنىدا جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنى "جىددىي ۋە سەگەك بولۇش، كرىزىس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە " چاقىرغان ۋاڭ لېچۈەن، "مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىش ۋە زەربە بېرىش كېرەك " دېدى.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئۆتكۈر بولۇپ، ئۇ " بىز ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز ۋە بوشاشماسلىقىمىز كېرەك " دەيدۇ. ۋاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى " بەزى ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە" چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنىڭ قايسى ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، " شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك " دەيدۇ. سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ شيۇمىڭ يىغىندا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى " ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش " كە چاقىرغان. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2005 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆلەش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادى، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا چەتكە قېقىش بىلەن ئەيىبلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت